
بۇ تېما كۈمۈس ئوق بىلوگىدىن كۈچۈرۈپ ئېلىپ كىلىندى.
تېما ئۇيغۇر يانفۇن ساھەسىدىكى ئەڭ يىڭى بىر ئىش بولغانلىق ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارغا ئاڭلىتش ئۈچۈن بۇ يەرگە كۈچۈرۈلدى.
Symbian ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ Beta نەشىرىنى سىناشقا ياردەملىشىڭ
ئەسكەرتىش: Symbian كۈمۈش ئوق كىرگۈزگۈچنى كۈمۈش ئوق بىلوگى ياساپ شەخسىي ئابونتلار ئۈچۈن ھەقسىز تارقاتقان، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا بولمايدۇ. كۈمۈش ئوق بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشىلتىش جەريانىدا يانفوندا كېلىپ چىققان كۈتۈلمىگەن كاشىلىلارنى ئوڭشاپ بېرىشكە مەسئۇل بولمايدۇ. كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشىلتىش ۋە سودا ئۈچۈن ئىشىلتىلسە سېتىۋېلىش تەلەپ قىلىندۇ. سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئېلخەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. باھاسى ھەر بىر يانفون ئۈچۈن 30 يۈەن خەلق پۇلى.
كىرگۈزگۈچنىڭ S60 3- نەشىرى گەرچە ياسىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن چوقۇم symbian signed تىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنغاچقا، (ئۆزىمىز ئىمزا قويساق قاچىلانمايدىكەن) ھازىرچە ئېلان قىلىنمىدى، بۇنىڭغا كېتىدىغان مەبلەغ ئۈچۈن ياردەم قىلغۇسى بار شەخىس ۋە ئورۇنلارنى قارشى ئالىمىز. ھازىرچە 2 - نەشىرىنى سىناپ تۇرايلى.
بۇ كىرگۈزگۈچنى قاچىلاپ ئىشىلتىش ئۈچۈن ئاۋۋال تۆۋەندىكى ئىككى تېمىنى ئوقۇپ چىقىپ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلىشىڭىز كېرەك.
كۈمۈش ئوق Symbian كىرگۈزگۈچى تۆۋەندىكى ئىككى ھۈججەتتىن تۈزۈلگەن: ئۇلارنى رېتى بويىچە ئورنىتىڭ.
S60 2 - نەشىردىكى يانفونلاردا ئىشلەيدىغان نەشىرى:
ماس كېلىدىغان يانفونلار: N72, N90, N70, 6681, 6680, 6682, 3230, 6670, 6630, 6260, 6710, 6620, 6600
ئاۋۋال بۇنى ئورنىتىڭ.
ئىككىنجى بۆلىكىنى ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، fepsetup نى قوزغىتىپ uyghurche كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، دىققەت! ئەگەر يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئاۋۋال fepsetup نىڭ ئىچىدىن ochurush دېگەننى تاللاپ uyghurche كىرگۈزگۈچنى ئاۋۋال ئۆچۈرىۋېتىشىڭىز، شۇ ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ئەسلىدىكى كىرگۈزگۈچىگە قايتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ كونۇپكا تاختىسىدىكى ئورنى جەۋلان خىزمەتخانىسىنىڭ ئەسلىدىكى لايھىيسى بويىچە ئازىراق ئۆزگەرتىپ ئىشلەندى يەنى چېكىت بىلەن پەش قوشۇپ قويۇلدى.
ئۇچىرغان مەسىلىلەرنى موشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويسىڭىزمۇ ياكى
بىلىكتىكى تېمىنىڭ ئاستىغا يېزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئېكران سۈرىتى تۇتۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى قورالنى ئىشىلتىڭ.
ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە مۇنەۋۋەر يۇمشاق دېتاللارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز تۆۋەندىكى ئىنگىلىزچە بىلوگىمغا كىرىپ ئېلانلارنى پېتىقداپ قويۇڭ.
سىناققا قاتناشقۇچىلار
0 يانفونلاردىن ئېكران سۈرىتىنى تۇتۇش يۇمشاق دېتالى
S60 3rd سېستىمىلىق تېلىفونلار ئۈچۈن ئىمزا قويۇلۇپ بولغان نەشىرىئىشلەيدىغان يانفونلار:Nokia 3250, N71, N73, N75, N76, N80, N81, N82, N91, N92, N93, N95, E50, E51, E60, E61, E61i, E62, E65, E70, E90, E71
S60 1st/2nd بىرىنجى ۋە ئىككىنجى نەشىرىدىكى تېلىفونلار ئۈچۈن نەشىرى
نى قاچىلاپ كۈرۈنگەن مەسىللەرنى بىلىك كۇلۇبىدىكى تېمىشد يوللاپ بەرسە،
评论
http://kumushoq.blogspot.com/2009/01/symbian-
beta.html
6120c-nokia
http://yehkzan.blogbus.com/
6120c-nokia