• 2008-12-25

    ئەگەر ئادرىس خاتا بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟ - [گوگىل ئېلانى]

    ئەگەر ئادرىس خاتا بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟   
    گوگىل ئېلان كىرىمىنى بىز ئېلىپ بىرەلەيمىز
    ئاۋال ئادرىس دىگەنگە چۈشەنچە بىرىپ قۇيايلى:
    ئادسىنىس  كىرىمىنى تاپشۇرۋېلىش ئۈچۈن چۇقۇم Google  نىڭ  ئەدسىنىس بۆلىمى سىزنىڭ ياكى كىرىم قىلىۋاتقان ھىسابات ئىگىسىنىڭ  ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى، پۇل تاپشۇرۋېلىش ئىمكانىيىتى بار يوقلىقىنى جەزىملەشتۈردىغان ۋاستىسىى . ئۇلار سىز ئەدسىنىس ھىساباتىغا كىرگۈزگەن ئادرىسىڭىزغا كىرىمىڭىز 10 دوللارغا يەتكەن ھامان PIN يوللايدۇ. پىن دىگىنىمىز دەل سىزنىڭ تورغا چىقىش ئىنكانىيىتىڭىز بار يوقلىقىنى، سىزنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى، ھىساباىڭىزدىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردىغان كود ياكى نۇمۇر بار خەت.

    خەت ئامرىكا  Google مەركىزى بىناسىدىن يەنى ئامرىكىدىن ئىۋەرتىلىدۇ. يوللانغان ۋاقىتتىن باشلاپ 20 كۈندە تىگىدۇ. ئەگەر ئادرىس خاتا بوپ قالسا مەڭگۈ سىزگە تەگمەيدۇ.

    بەزىلەر پىن  كەلمىدى، 3 قىتىم يوللىدى ھازىرغىچە كەلمىدى دەيدۇ. نىمىشقا كەلمەيدۇ؟ چۈنكى ئادرىس خاتا. يەنە نۇرغۇن باللار بار، كىملىكتىكى ئادرىسنىلا يازىدىغان. شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، كىملىكتىكى ئادرىسقا 85% خەت تەگمەيدۇ. چۈنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى يەرلىك نۇپۇس تەكشۈرگۈچى ۋە ئىشىك نۇمۇر بىكۈتكۈچى يەرلىك ئالاقىدار ئۇرۇنلار مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن  ئاغزىغا كەلگەن نۇمۇرنى ياكى ئۆستەڭ بىشىدىن باشلاپ ئۆيلەرگە بىر نۇمۇر بەلگىلەپ جاڭگالنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە توختايدۇ.  پەيجۇسۇغا يوللىغاندا بولسا يىزا بازىرىدىن باشلاپ ياكى داۋۇينىڭ چىگرىسىدىن باشلاپ  ئىشىك نۇمىرى ھىسابلاپ نۇپۇسقا بەلگىلىۋىتىدۇ. نۇپۇسنى كۈتۈرۈپ ئاپىرىپ كىملىك بىجىرىسىز. شۇنىڭ بىلەن كىملىكتىكى ئادرىسىڭىزغا خەت كەلمەيدۇ.  ئەلۋەتتە بەزى جايلاردا كىملىكتىكى ئادرىس توغرا. ئەمما بىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا كىملىكتىكى ئادرىسنى ئىشلەتمەڭ. مەكتەپ ياكى ئىدارە،.... بازارلاردامۇقىم ئادرىسى بار دوستىڭىز ياكى تۇققانلىرىڭىزنىڭ ئادرىسىدىن پايدىلىنىڭ ئۇلار سىزگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۋالسا بۇلىدۇ. پىن يوللىنىپ تەخمىنەن 18 كۈندە سىز شۇ تۇققانلىرىڭىزدىن كۈندە بىرەر ۋاق خەت كەلدىمۇ دەپ سۈيلەپ تۇرسىڭىزلا بۇلىدۇ.  تۈۋەندىكى مىسالنى كۈرۈپ ئۈتۈڭ:

    ئۆلچەملىك يىزىلىشى يۇقارقىدەك. خەنزۇچىدە ئادەتتە ئىشىك نۇمىرى ياكى  ئىدارە ئادرىسى ئەڭ ئاخىردا كىلىدۇ. ئىنگىلىزچىدا بولسا ئاۋال ئىشىك نۇمىرى ئاندىن  ئەڭ ئاخىردا  دۆلەت ياكى شەھەر ئىسمى كىلىدۇ.

    ئەگەر ئادرىس ئۇزۇن بۇلۇپ كەتسە ئىنگىلىزچىدىكى ئادرىسنى ئۇلاپ يىزىۋەرسەكمۇ بۇلىدۇ. ئەمما پىنيىنچىسى چۇقۇم توغرا بۇلىشى كىرەك.

     

    گوگىل ئېلان كىرىمىنى بىز ئېلىپ بىرەلەيمىز.