-
2008-11-20
نوكيا تىلىفۇنلاردا ئىشىلتىدىغان GPRSقوبۇللىغۇچ توغرىسىدا - [Nokia XXX]
نوكيا تىلىفۇنلاردا ئىشىلتىدىغان GPRSقوبۇللىغۇچ توغرىسىدا
GPSقوبۇللىغۇچ توغرىسىدا
كەسپى GPS ئاپاراتلىرىنىڭ لارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە 12 قاناللىق بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا 12 سۇنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇرۇنقى تىپدىكىلەر مەسلەن : GARMIN 45cبولسا 8 قاناللىق، بىر ۋاقىتتا 3 سۇنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ. چىقىرىدىغان ئۇچۇرى ئىككى ئۆلچەملىك ئۇچۇر. پەقەت ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى بار. ئېگىزلىكى يوق. ئەگەر 4 تىن يۇقرى سۇنئىي ھەمراھ ئۈچۈرىنى قوبۇل قىلسا 3 ئۆلچەملىك ئۇچۇر چىقىرىدۇ. يەنە دېڭىز يۇزى ئېگىزلىگىنىمۇ تەمىنلەيدۇ. بىراق جۇغراپىيەلىك ئامىل تۈپەيلى چىقىرىپ بەرگەن دېڭىز يۇزى ئېگىزلىكى ئانچە ئۆلچەملىك ئەمەس. ھازىر بەزى GPS قوبۇللىغۇچلارنىڭ ئىچىگە بارومېتىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەسلەن: etrex نىڭ SUMMIT ۋە VISTA . بۇ ئۈسكىنلەر ئىككى قانال بىلەن ئۇنۋىرسال دېڭىز يۇزى ئېگىزلىكىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئۆلچەملىك .
ئەمما نوكيا ۋە باشقا تىپتىكى يانفۇنلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ئەمما ئۇچۇر مەنبەسى بىر.
بىز GPRS-BEDO ناملىق يۇمشاق دىتالنى يانفۇنغا قاچىلاش ئارقىلىق GPRS ئۇرۇن بەلگىلەش سىستىمىنى ئىشىلتەلەيمىز. ئەپسۇس، بۇنىڭ ئېقىم مىقدارى يۇقىرىراق. كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بۇنىڭغا ھەق ئالىدۇ.
پەۋقۇللاددە زۈرۈر بولمىسا ئىمكان قەدەرئىشلەتمىگەن ياخشى.
سىز يۇقارقى يۇمشاق دىتالنى يانفۇنغا قاچىلىغاندىن كىيىن ( يۇمشاق دىتال قاچىلاش ئۇسۇلىنى http://n6681.blogbus.com/ دىن كۈرۈڭ) يۇمشاق دىتال نى قوزغاتسىڭىز مەشغۇلات قىلىشنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىز.
ئۈرۈمچى، قەشقەر ، خۇتەن ئاقسۇلارنىڭ يوللىرىنى ۋە يۈلۈنۈشلىرىنى بىلەلەيسىز.








评论
بۇ بىلوگ نى تۇنجى ئۇچرىتىشىم. ياخشى قۇرۇلۇپتۇ، باشقا تىلىفۇنلار ھەققىدىمۇ مۇنازىرە قلىشساق بولغۇدەك جۇمۇ.