评论

  • بۇ مەسىلىگە تەدبىر بىرىشتىن بۇرۇن نوكيا 6680 تىپلىق تىلىفۇننى بىر ئاز تەپسىلىي چۈشۈنىۋالغان تۈزۈك.
    نوكيا 6680 تىپلىق تىلىفۇن ئەمەلىيەتتە نوكيا 6681 تىپلىق تىلىفۇن بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. ئىقتىدار جەھەتتىمۇ كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.
    نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى سىمبىيان 6.0 نۇسقىدىكى يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاپ كىڭەيىتكىلى بۇلىدۇ.
    مەسىلەن: تىلىفۇن كەلگندە ئاپتۇماتىك مۇداپىيە كۈرۈش، مەسلەن سىز مەلۇم نۇمۇرنى بەلگىلەپ قويسىڭىز شۇ تىلىفۇندىن تىلىفۇن كەلسە ئاپتۇماتىك سىز بەلگىلەپ قويغان ئىقتىدار بۇيىچە تىلىفۇن ئۇرغۇچىغا سىزنى مۇلازىمەت رايۇنىدا ئەمەس، ، تىلىفۇن تاقاق، سۆز قالدۇرۇپ قۇيۇڭ، ياكى ئاپتۇماتىك ئاۋاز ئېلىش قۇرالى قوزغىلىپ سۆھبەت خاتىرسىنى ئاپتۇماتىك خاتىرلەش (ئاۋاز ھۆججىتى شەكلىدە). ...دىگەندەك نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى قۇشۇشقا بۇلىدۇ. بۇ نداق ئىقتىدارلار تىلىفۇندا ئەمەس بەلكى تىلىفۇنغا قاچىلىغان سىستىمىلاردا بۇلىدۇ.
    دىمەك، ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفۇن دەل مىكرو تىپلىق كومپىيۇتىرنىڭ ئۈزى. 6680 مۇ دەل كىچىك تىپتىكى كومپىيۇتىر. ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ كىچىك تىپتىكى 6680 تىپلىق تىلىفۇن كومپىيۇتىرنىڭ ئىچكى سىغىمى ئاران 10 مىگابايىت.
    بۇ يەردىكى سىزنىڭ ئاشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالغان مەسىلە دەل ئاشۇ ئىچكى سىغىمى يىتىشمىگەنلىكتىن بۇلىدۇ.
    سىزنىڭ يۇقارقى مەسىلىنى تۈۋەندىكىدەك ھەل قىلىش مۈمكىن:
    1. ئىچكى سىغىم باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى قاچىلاپ تىلىفۇن c دىسكىسىنىڭ سىغىمىنى كۈرۈپ بېقىڭ.
    2. ئۇچۇر يوللىغاندا ئۇچرىغان مەسىلىگە كەلسەك، سىز سىزگە كەلگەن ئۇچۇر ۋە سىز زاپاس ساقلاپ قويغان ئۇچۇرلارنى سىغىم كارتىسىغا يەنى RSMMC كارتىسىغا ساقلاڭ. بۇنداق قىلسىڭىز قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتىكى مەسىلە ھەل بۇلىدۇ.
    3. سىزنىڭ تىلىفۇننىڭ ئۈزىدە ساقلىغان ۋە قۇبۇل قىلغان ئۇچۇرلار زىيادە كۆپ بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ بۇ ئۇچۇرلار تىلىفۇن س دېسكىسىنىڭ مەلۇم سىغىمىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا سىز بۇ قىسقا ئۇچۇرلارنى يۇقارقىدەك كارتىغا كۈچۈررۈڭ ياكى ئۈچۈرۈپ تاشلىسىڭىز مەسىلە ھەل بۇلىدۇ.